查詢

Awara Bolma歌詞

作詞 : Abdulla Mahat
作曲 : Kaysar Abdukerim
編曲 : Miradiljan-Bawudun
سەندىن كۆڭلۈم قالدى بىۋاپا،
سۆيەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
بۇرۇنقىدەك ئوتۇمدا يەنە،
كۆيەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
بۇرۇنقىدەك ئوتۇمدا يەنە،
كۆيەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
كەچتىم سەندىن يۈرىكى تاش قىز،
چۈنكى ساڭا ئەمەسمەن قەرز،
مېنى يەنە جېنىدىن ئەزىز،
كۆرەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
مېنى يەنە جېنىدىن ئەزىز،
كۆرەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
Music
قەدىرلىسەم بىلمىگەن ئۆزۈڭ،
ياش تۆكمىسۇن ئەمدى جۈپ كۆزۈڭ،
بولسىمۇ گەر دەيدىغان سۆزۈڭ،
ئاڭلارمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
بولسىمۇ گەر دەيدىغان سۆزۈڭ،
ئاڭلارمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
ئۆز يولۇڭغا ئۆزۈڭ قەدەم ئال،
كەتتىم يىغلا، مەيلى كۈلۈپ قال،
يوقتۇر مەندە قايتىشقا ئامال،
كېلەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
يوقتۇر مەندە قايتىشقا ئامال،
كېلەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
كېلەرمۇ دەپ ئاۋارە بولما،
ئاۋارە بولما
歌詞編輯:Amarjan Yasin
補充糾錯
上一曲歌名: Light of Love歌詞
下一曲歌名: 問你十個問題歌詞